خەلق تورىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2010-يىلى 8-ئايدا، ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بۇرنى ۋە قۇلىقى كېسىۋېتىلگەن بىر ئافغانىستانلىق قىزنىڭ سۈرىتىنى باستى. بۇ شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئائىشەنى ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ باش خەۋىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ قانداق ئىزىلىشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېچىپ تاشلىدى.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچ يىلغا يېقىن ئېلىپ بېرىلغان ئوپراتسىيەدىن كېيىن، ئائىشە ناھايىتى تېزلا يېڭى بۇرۇنغا ئىگە بولغان. بۇرۇن ئوپراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئائىشەگە يەنە قۇلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپراتسىيەسى ئېلىپ بارىدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا دادىسى قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن ئائىشەنى بىر تالىبان ئەزاسىغا ياتلىق قىلغان. تويدىن كېيىن، يولدىشى ئائىشەنى ئۇزۇن يىل خارلىغان. چىدىغۇسىز ھالەتكە يەتكەن ئائىشە يولدىشىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغان، ئەمما يولدىشى ئۇنى يەنىلا تۇتۇۋالغان. ئۇنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى جازالاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يولدىشى رەھىمسىزلەرچە ئۇنىڭ بۇرنى ۋە قۇلىقىنى كېسىۋەتكەن، ھەمدە ئۇنىڭ تاغ ئارىسىغا تاشلاپ قويغان. ئادەمنى خۇشاللاندۇردىغىنى شۇكى، بىر ساخاۋەت ئورگىنى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئۇنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىپ داۋالاتقان.
ئائىشە مۇنداق دەيدۇ : « پۈتۈن دۇنيادىكى ئىزىلىشكە ئۇچرىغان ئاياللارغا شۇنداق دېگۈم بار، قەيسەر بولۇڭلار، بەل قويۇۋەتمەڭلار، ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.» ئائىشەنىڭ جاراھىتى ئەسلىگە كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتنى ئادەملەر ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. ب د ت نىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، %90 ئافغانىستانلىق ئايال ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرايدىكەن.