باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نەچچە مىڭلىغان قىز بوستوندىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارىغا سۆيگۈسىنى بىلدۈردى

2013.05.14 16:21        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بوستوندىكى مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى جوكخار سارنايېف(Dzhokhar Tsarnaev) كېلىشكەن يىگىت بولغانلىقتىن نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق قىزلارنىڭ قەلبىدىكى «ئاق ئاتلىق شاھزادە»گە ئايلانغان. مىڭلىغان قىزلار ئالاقە تورىدا ئۆزلىرىنىڭ جوكخارغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلەپ غۇلغۇلا قوزغىغان.

  كۆپلىگەن قىزلار توردا ئۆزىنىڭ جوكخارغا بولغان ھېسسىياتىنى يازغان، قىزلار ئۇنىڭ تېخى داڭلىق ناخشىسى جاستىن بىبېر بىلەن ئوخشاش كېلىشكەن دىگەن.

  ۋاشىنگىتوندىكى بىر تەكشۈرۈش خادىمى مۇنداق دېگەن :« بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمەيدۇ، نىمىشقا شۇنچە كۆپ قاباقباشلار باردۇ، بۇ قاپاقباشلار دۆلىتىمىزنىڭ پارتلاش ۋەقەسىدىن ئەسلىگە كېلىشكە ئامالسىز قويىدۇ، مەن ھەقىقەتەن پارتلاش ۋەقەسىدە يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەسەللىيگە ئېرىشەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە