- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جەنۇبىي دېڭىز فىلوتى نەنشانى چارلىدى
2013.05.14 15:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
12-ماي نەنشادىكى مەلۇم دېڭىز ساھىلىدە ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە چارىلاش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز فىلوتى باشقۇرىلىدىغان بومبىلىق قوغدۇغۇچى پاراخوتى جياڭمېن پاراخوتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەقلىدىي ھۇجۇم قىلىش مەشقىنى تولۇق مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تېزدىن كېيىنكى چارىلاش رايونىغا يۈرۈش قىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، نەنشا دېڭىز ساھىلىدە ھەر يىلى جەنۇبىي دېڭىز فىلوتى ئوخشاش بولمىغان پاراخوتلارنى قەرەللىك چارىلاشقا ئەۋەتىدىكەن، ئەمما نەنشادا ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان پاراخوتلار باشقۇرىلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قاتارلىق ئەمەلىي ئۇرۇش تۈرىدىكى مەشىقلەرنى ئېلىپ بارغاندىن باشقا يەنە نەنشادىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ۋە نەنشا دېڭىز ساھىلىدە ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بېلىقچىلىق، دېڭىز نازارىتى قاتارلىق پاراخوتلار بىلەن ئىلمىي ئۈنۈملۈك بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى بەرپا قىلدى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك دېڭىز مۇداپىئە لىنىيەسىنى شەكىللەندۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە