باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ـ ھىندىستان چېگرىسىدا ئاپرېلدا ئاتالمىش چېگرا تىركىشىشى يۈز بەردى(1)

2013.05.15 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشى كۈچىيىۋاتقان پەيتتە، نازۇك بولغان جۇڭگو-ھىندىستان چېگراسىدا ئاپرېلدا ئاتالمىش «چېدىر تىركىشىشى» پەيدا بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمما بىر قاتار ناھايىتى زىچ ۋە داۋراڭسىز سۆھبەتلەر ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان كېلىشىم ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جايدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ، 3 ھەپتە داۋاملاشقان چېگرا كىرزىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.

  جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئاسىيادىكى قۇدرەت تېپىۋاتقان ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، شۇنداقلا يەنە ھازىر ئاسىيا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. تىنچ تەرەققىي قىلىشتەك ئەتراپ مۇھىتىنى ساقلاش، شۇنداقلا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ياخشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقان سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا ئىككى دۆلەت نەزىرىنى ئومۇملىققا قارىتىپ، دىپلوماتىك يول ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى چېگرا تالاش-تارتىشىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتى جەھەتتىكى پاراسىتىنى نامايان قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن ئورتاق چېگرا بار. بۇ يەرلەردە چېگرا سىزىقى تېخى ئېنىق بولمايلا قالماستىن، ھەتتا ئىككى تەرەپنىڭ ئاتالمىش ئەمەلىي كونترول سىزىقىمۇ ئەمەلىيەتتە رەسمىي ئايرىلغان ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا ھېسابلىغان چېگرىدىن ھالقىپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئوڭايلا يۈز بېرىشى تەبىئىي. مۇشۇنداق كىچىك توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قالسا، ناھايىتى ئەقىلسىزلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

  خۇددى ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خۇرشىد ئېيتقاندەك، «چېدىر تىركىشىشى» گۈزەل چىرايغا بىر كىچىك سەپكۈن چۈشۈپ قالغاندەكلا بىر ئىش. جۇڭگو تەرەپمۇ يۈكسەك ئاقىلانىلىك ۋە ئۆزىنى تۇتىۋېلىش پوزىتىسىيەسى بولدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان چېگراسىدا تىركىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ھەمكارلىشىش پوزىتىسىيەسى بويىچە، سالماق بولۇپ، چېگرا مەسىلىسىگە ئالاقىدار مېخانىزملار، دىپلوماتىيە چېگرا مۇداپىئە ئۇچرىشىشى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، زىچ ئالاقىنى ساقلىدى ۋە مەسلىھەتلەشتى.

  ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 15-ئاپرېل جۇڭگو-ھىندىستان چىگرىسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدە، قاراقۇرۇم تېغى ئېغىزىنىڭ جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، جۇڭگونىڭ 50 ئەسكىرى ئاتالمىش ھىندىستان چېگراسىغا 19 كىلومېتىر ئىچكىرلەپ كىرىپ چېدىر تىككەن. ئارقىدىن ھىندىستان تەرەپمۇ چېدىر تىككەن. ئىككى تەرەپ بىر تۆپىلىكتە 100 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ تىركىشىپ تۇرغان. ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ئاخىرى كېلىشىم ئىمزالاپ، دۈشەنبە كۈنى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جايدىن بىرلا ۋاقىتتا چېكىنىشكە قوشۇلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە