- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەنغازىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى
2013.05.15 13:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13-ماي كەچتە تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەنىڭ بەنغازىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ تېررورزمغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىش تېرىغۇچىنى قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇن ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ۋە بەلگىلىمىلەردىكى مەجبۇرىيىتى بويىچە بۇ جەھەتتە لىۋىيە دائىرىلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزم خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتلەرنىڭ بىرى، تېررورلۇقنى قاچان قەيەردە كىم نېمە مەقسەتتە يولغا قويۇشتىن قەتئىي نەزەر ھەممىسى قانۇنسىز قىلمىش بولۇپ، بۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ دەپ قايتا تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە