ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ نام ئابرويلۇق مىليادىرى چارلىد بولانسىن ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايرو خانقىزلىرىنىڭ قىزىل خىزمەت كىيمى بىلەن تۆشۈك قارا پايپىقىنى كېيىپ، كۆزلىرىگە قېنىق گىرىم قىلىپ ئايرو خانقىزىغا ئۆزگەرگەن. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى ئۇنىڭ بۇنداق ئوبرازىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ كۈلكىگە قېلىشى پەقەت شۇ بىر قېتىملىق قىمار ئۈچۈن ئىكەن.
چارلىد بولانسىن بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاسىيا ھاۋا قاتنىشى شىركىتىنىڭ باش لېدىرى تونى فېرناندوسنىڭ ئايرىم-ئايرىم بىر خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماشىنا ئەترىتى بار. 2011-يىلى ئىككەيلەن كىمنىڭ ماشىنا ئەترىتى چىمپېيون بولىدىغانلىقىنى دوغا تىككەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە ناھايىتى ئىشەنچىسى بار چارلىد بۇ قېتىملىق دودا ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئاسىيا ھاۋا قاتنىشى شىركىتىنىڭ باش لېدىرى تونىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككەيلەننىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە، چارلىد پۇتلىرىنىڭ تۈكلىرىنى تازلاپ ئىگىز پاشىنىلىق ئاياغ كېيىپ، گىرىم قىلىپ ئاسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قىزىل رەڭلىق يوپكا چاپىنىنى كېيىپ .. پېرىستىن كۇئالالامپورغىچە بولغان ئالتە سائەتلىك مۇساپىدە يولۇچىلارنى قەھۋە، چاي ۋە باشقا ئىچىملىكلەر بىلەن تەمىنلەيدىكەن. مىليادىر چارلىد ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىنىڭ دوسىنى نەقلەشتۈرگەن ھەم تەلەپكە بىنائەن كېيىم كىيىپ ھەتتا ئۇزۇن كىرپىكلەرنىمۇ تاقىغان. ئۇ ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن ھەييارلىق بىلەن: سىلەر كەكە ساقال ئايرو خانقىزىنى كۆرگەنمۇ؟ دەپ سورىغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاسىيا ھاۋا قاتنىشىنىڭ باش لېدىرى تونى فېرناندوس ئاسىيا ھاۋا قاتنىشى شىركىتىنى قۇرۇشتىن بۇرۇن چارلىد بولانسىنغا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ ئاغىنىدارچىلىقى ئادەتتىكىچە ئەمەسكەن. بۇ مىليادىر مۇلازىمەتچلىك قىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن ئالغان پايدا كېسەل بالىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان يورۇق يۇلتۇز فوندىغا ئىئانە قىلىنىدىكەن.