باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۇچار تەخسە» ئەمەلىيەتتە بوشلۇق تەكشۈرۈش راكېتاسى ئىكەن

2013.05.15 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئاينىڭ 14-كۈنى،توردا «ئاسماندا نامەلۇم ئۇچار جىسىم پەيدا بولدى» دېگەن گەپ تارقىلىپ غۇلغۇلا قوزغىدى. چېڭدۇ، ۋۇخەن، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردىكى تورداشلار13-چېسلا سائەت 21 ئەتراپىدا ئاسماندا نامەلۇم بىر ئۇچار جىسمنىڭ ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆردۇق، بۇ ئۇچار جىسىمV شەكلىدە بولۇپ، قىرى قىزىل رەڭدە ئىكەن، ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم ئۇزۇن يورۇقلۇق چىقىرىدىكەن، دېگەن. بۇ جىسىم ئۇچار تەخسىمۇ؟

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۆلەت بوشلۇق ئىلمى مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلتىمىز 4-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى قېتىم بوشلۇق مۇھىتىنى ۋېرتىكال تەكشۈرۈش ۋە بوشلۇق ئىلمى ئاكتىپ سېنىقىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 21 ئەتراپىدا يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ يۇقىرى ئىگىزلىكتە بوشلۇق ئىلمى تەكشۈرۈش سىنىقى ئۆتكۈزۈپ غەلىبە قازانغان.

  سىناقنىڭ باش قۇماندانى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۆلەت بوشلۇق ئىلمى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇڭ جيەنسۇن مۇنداق تونۇشتۇردى، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خەينەننىڭ دەنجوۋ شەھىرىدە ئېلىپ بىرىلغان بوشلۇق كۆزىتىش تەجرىبىسىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ئاكتىپ تەجرىبىنىڭ تەكشۈرۈش ئىگىزلىكى بىر قەدەر ئىگىز بولۇپ، ئون مىڭ كېلومېتردىن ئاشىدۇ؛ راكېتاغا تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، سانلىق مەلۇمات مىقدارى تېخىمۇ كۆپ. دەسلەپكى ئانالىزدىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق تەجرىبىدە ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىكتىكى بوشلۇق مۇھىتىنىڭ ۋېرتىكال جايلىشىشىغا دائىر بىرىنچى قول ئىلمىي سانلىق مەلۇمات قولغا كەلگەن.

  بوشلۇق تەكشۈرۈش راكېتاسى بوشلۇقتا تەكشۈرۈش ۋە سىناق ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۈنۈملۇك تەكشۈرۈش قورالى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يوقىرى ئېگىزلىك يۆنىلىشىدە ئاتموسفېرانىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ قۇرۇلما تەركىبلىرى ۋە پارامېترلىرىنى تەكشۈرگىلى، ئىئونلۇق قەۋەت، يەر ماگنىتى، ئالەم نۇرى، قۇياش ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ۋە X نۇرى، ئالەم توزانلىرى قاتارلىق كۆپ خىل قۇياش-يەر فىزىكىلىق ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە