باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

ئەزەربەيجان ئاناتولىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالدى

2013.05.15 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئالىيېف 13-ماي ۋيېنادا زىيارەتتە بولغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەزەربەيجان ئاناتولىيەنى كېسىپ ئۆتىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق رولىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارلاندى ھەمدە ئاۋسترىيە بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى تۈركىيە چېگرىسىدا ئاناتولىيەدىن كېسىپ ئۆتىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ تۇرۇبىدا 2014-يىلى ئىش باشلاپ، 2018-يىلى تاماملاش پىلانلاندى. بۇ جەنۇبتىكى تەبىئىي گاز كارىدورىنىڭ بىر قىسمى. ئاناتولىيەدىن كېسىپ ئۆتىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى بىلەن يىلىغا تەخمىنەن 16 مىليارد كۇب مېتىر گاز يەتكۈزۈش پىلانلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى زور كۆپ قىسمى ياۋروپا بازىرىغا كىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە