باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۇستاز، ژۇرنالىست شائىر قۇربان مامۇتقا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2013.05.15 15:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى، فوتوسى: 14-ماي، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە«كۈسەن مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئۇستاز، ژۇرنالىست، شائىر قۇربان مامۇتقا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

  تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى بېھىشباغ يېزا بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقىغان، 1976-يىلدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، 1985-يىلدىن 2011-يىلغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان.

  مۇراسىمدا ئالدى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك ئەلقۇت ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جىمىلەم نىياز ئەدەبىيات ئاشنالىرىغا ۋاكالىتەن ئۇستاز، ژۇرنالىست شائىر قۇربان مامۇتقا تون ۋە دوپپا كىيدۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلدى. ئۇستاز، ژۇرنالىست شائىر قۇربان مامۇت سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆپچىلىككە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى قاتارلىق داڭلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچىلار ئۇستاز، ژۇرنالىست شائىر قۇبان مامۇتنىڭ تۆھپىسىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى.

  مۇراسىمدا يەنە قۇربان مامۇتنىڭ ژۇرنال بىلەن ئۆتكەن 26 يىللىق ھاياتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. سالى ئىبراھىمجان، يۈسۈپجان مۇھەممەت قاتارلىق بىر قىسىم شائىرلار قۇربان مامۇتقا ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىگە يەنە بىر قېتىم مەدھىيە ئوقىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر