باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئامانلىق قوغداش خادىمى دېكتورلۇق كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى

2013.05.14 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 2-ئايدا، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامانلىق قوغداش خادىمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتتى، دېكتورلۇق ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئامانلىق قوغداش خادىمى جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دېكتورلۇق قوش ئۇنۋان ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن « ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى ئاكا» دەپ ئاتالغان ئىدى. تۆنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، چېن شېڭ ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى دېكتورلۇق كەسپىنىڭ ئىككىنچى ئۇنۋان كەسپى ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن، چېن شېڭ بۇ يىل 9-ئايدا ئامانلىق قوغداش خادىملىرىنىڭ خىزمەت فورمىسىنى سېلىپ تاشلاپ، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇشىنى باشلايدۇ.

  چېن شېڭ بۇ يىل 24 ياش بولۇپ ، تەققى تۇرقى كېلىشكەن، جياڭسۇ سۇچيەنلىك يىگىت، نەنجىڭدا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن، ئۇ ئەسلىدە مېھمانخانىدا خىزمەت تېپىشنى ئويلاشقان، بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە ئۇ ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغاندا، بىر ئانا-بالا ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ دېكتور بولۇشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. چېن شېڭ شۇندىلا ئۆزىدىكى بۇ تالانتنى بايقىغان. ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندىن كېيىن، مەكتەپتىكى كەيپىيات ئۇنى ناھايىتى جەلپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇ مەكتەپتىن ئايرىلغۇسى كەلمەي، مەكتەپتە ئامانلىق ساقلاش خادىمى بولغان.

  ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كەيپىيات ئۇنىڭغا ئاستا-ئاستا تەسىر قىلىپ، ئاۋازى ئەسلىدىنلا ياخشى بولغان چېن شېڭ دېكتورلۇققا قىزىقىشقا باشلاپ، دېكتور بولۇش ئارزۇسىكۈندىن كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن دېكتورلۇقنىڭ ئاساسلىق قائىدىلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. بۇ يىل 9-ئايدا، ئۇ جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇغۇچىسى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە