باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 4 مىليون 900 مىڭ كىشى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن نەپ ئالدى

يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98 بولدى

2013.05.15 15:06         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-ماي شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 92 ناھىيە (شەھەر، رايون) دە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك 5 مىليون 45 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، قاتناشقانلارنىڭ سانى 4 مىليون 950 مىڭغا يېتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98 كە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2009-يىلى 12-ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىسىتېما قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ۋە شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر يىل بۇرۇن ئەمەلىيلەشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە