باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

فىرانسىيەلىك بىر جۈپ ياشنىڭ شىرىن ئېيى قاباھەتلىك چۈشكە ئايلاندى

2013.05.14 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىرىن ئاي رومانتىك ھەم بەختلىك خاتىرىلەرگە تولغان بولىدۇ، ئەمما بىر جۈپ فىرانسىيەلىك ئاشىق-مەشۇقنىڭ ھىندى ئوكياننىڭ بىر ئارىلىدىكى شىرىن ئېيى قاباھەتكە تولغان. رۇسىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەپەر فىرانسىيەلىك رىيۇنىيان ئارىلىدا سۇ يۈزىدە تېيىلۋاتقاندا، لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھەمدە ئۇنىڭ بولغۇسى ئايالى پۈتۈن جەرياننى كۆرۈپ تۇرغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، 36 ياشلىق بۇ ئەر سۇ يۈزىدە تېيىلۋاتقاندا، لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. دېڭىز قىرغىقىدىكى قوغدىغۇچى ساقچىلار يېتىپ كېلىپ، لەھەڭنى قوغلىۋېتىپ، بۇ ئەرنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولغان، ئەمما دوختۇر يېتىپ كەلگەندە ئۇ قان جىق چىقىپ كېتىپ شۇك بولۇپ قالغانلىقتىن قازا قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، لەھەڭ بۇ ئەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇنىڭ قىز دوستى ئۇنىڭدىن 50 مېتىر يىراقلىقتىكى قىرغاقتا بۇ تىراگدىيەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان.

  شۇ جايدىكى ئورگانلارنىڭ ئېيتىشىچە، قازا قىلغۇچىنىڭ قىز دوستى ھازىرمۇ شۇك ھالىتىدە ئىكەن. خەۋەردە، بۇ 2013-يىلى كىرگەندىن بۇيان بۇ ئارالدا يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق لەھەڭنىڭ ئادەمگە ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. 2012-يىلى بۇ ئارالدا ئىككى ئادەم لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان. 2012-يىلى دۇنيادا 78 قېتىم لەھەڭنىڭ ئادەمگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 8 ئادەم قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە