باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا 150 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى زەھەرلەندى

2013.05.15 15:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنلتىقىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستاننىڭ ئەمەلدارى 14-چېسلا:ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر مەكتەپتە شۇ كۈنى 150 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ساقچى تەرەپ مەلۇم بىر كىشى زەھەرلىك گاز قۇيۇپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمانلانغان.

  ئافغانىستاندىكى يەرلىك ئوفىتسېر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى مازار شەرفتىكى بىر قىزلار مەكتىپىدە 150 نەپەر ئوقۇغۇچىدا باش قىيىش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىلگەن، ھاياتىغا خەۋپ يىتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

  بۇ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تۆتىنچى قېتىملىق قىزلار مەكتىپىگە زەھەر سېلىش ۋەقەسى. ئافغانىستاندىكى تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ھاكىميەت بىشىدا تۇرغان ۋاقىتىدا قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىگەن. تالىبان ھۆكۈمىتى ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئافغانىستانلىق قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسىدىن بەھرىمەن بولۇشى ياخشىلانغان، بىراق قىزلار مەكتىپىگە زەھەر قويۇپ بېرىش ئىشلىرى يۈز بېرىپ تۇرغان. ئافغانىستاندىكى جامائەت قارىشىنىڭ گۇمانى بويىچە، بىر قىسىم قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشىغا قارشى تۇرىدىغان چېگرا ئىچىدىكى قوراللىق كۈچلەر بۇ ئىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە