باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز رويخەتكە ئالغان ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە سېسترا يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى

2013.05.15 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 10-ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىدىن يۇقىرى سېسترا ئومۇمىي ساننىڭ %56 نى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە سېسترالار %10.6 نى ئىگىلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2005-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىدىن يۇقىرى سېسترالارنىڭ نىسبىتى %24.4 كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرۋىش خىزمەتچىلىرى پەرۋىش مۇلازىمىتى ساھەسىگىچە كېڭىيىپ، مەھەللە، ئائىلە، ساناتورىيە، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى، ياشانغانلار كېسىلى دوختۇرخانىسى قاتارلىق داۋالاش ئورگانلىرىغا كىرىپ، بىمارلارغا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى پەرۋىش قىلىش، ئۇزۇن مۇددەت پەرۋىش قىلىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سېسترالارنىڭ خىزمەت شارائىتى ۋە تەمىنات كاپالىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى، خىزمەت ئاكتىپلىقى ئۆزلۈكسىز ئۆستى. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 2012-يىلى 3-تەرەپكە ھاۋالە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 112 دوختۇرخانىنىڭ 5809 سېستراسىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئومۇمىي رازىمەنلىك نىسبىتى %84.2 كە يەتكەن. 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغان سېسترا ئومۇمىي سانى ئىككى مىليون 497 مىڭغا يېتىپ، 2008-يىلىدىكىدىن 844 مىڭى كۆپەيگەن، كۆپىيىش كۆلىمى %51.1 كە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە