- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاشلىق تەشكىلاتى ھاشارات يېمەكلىكلىرى باھاسىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.05.15 13:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتى 13-ماي رىمدا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە: ھاشاراتلەرنىڭ يېمەكلىك قىلىنىش بولۇپمۇ يەم خەشەك قىلىنىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن كۈچى تېخى ئېچىلمىدى، شۇڭا كىشىلەر ھاشاراتلەرنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتىگە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك دېيىلدى.
ئاشلىق يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، ھازىر ھاشاراتلەر دۇنيادا ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليارد كىشىنىڭ يېمەكلىكىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ھاشاراتلەرنى يىغىش ۋە بېقىش ئىش ئورنى ھەمدە ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىدىكەن ، گەرچە ھازىر ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قېلىپىدا نۇرغۇن يەككە ئاھالىلەر ئاساس قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ھازىر دۇنيادا بىز بىلىدىغان ھاشاراتنىڭ تۈرلىرى تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئاشىدۇ، نۇرغۇن ھاشاراتنىڭ تەركىبىدە مول ئاقسىل، ماي، كالتىسى، تۆمۈر ۋە سىنك بولۇپ، بۇ تەركىبلەر ئەنئەنىۋى گۆش تۈرلىرىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە