باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى››تېمىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2013.05.14 16:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ گېزىتخانىسى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى›› تېمىسىدىكى نەزەرىيە سۆھبەت يىغىنى 13 – ماي چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  سۆھبەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، پارتىيە مەكتىپى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى، مەدەنىيەت نازارىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق سەككىز ئورۇندىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش››، ‹‹مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەش››نىڭ مۇھىملىقى، شۇنداقلا بۇ ئىككى مۇھىم تېمىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتىدىكى چوڭقۇر ئەھمىيىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قاراشتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى ئۈچ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيەۋىي مەنىسى ۋە مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كېراڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى سۆھبەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر نەزەرىيەسى ساھەسىدىكى بىر مۇھىم سۆھبەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇنى پۇرسەت، دەپ بىلىپ، نەزەرىيەۋى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىشىمىز، شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە