باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىلى تېخى ئۆتۈپ كەتمىدى

2013.05.15 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 13 – ماي تېلېگراممىسى. ‹‹فىتىچ›› خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئاپپاراتىنىڭ 13 – ماي لوندوندا ئېلان قىلغان يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا: ياۋروپادىكى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچى يېقىندا دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالىدا ئازراق ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، بىراق ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق كاسات بولۇپ، ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىلى تېخى ئۆتۈپ كەتمىدى، دەپ قارىدى، دېيىلدى.

  زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ ئەڭ قىيىن مەزگىلى تېخى ئۆتۈپ كەتمىدى، دەپ قارىدى. %22 زىيارەت قىلىنغۇچى ھازىر پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋاقىتلىق، دەپ قارىدى. %30 كىشى ھازىر بازار داۋاملىق بىنورمال گۈللىنىۋاتقان پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ كېلەچىكى داۋاملىق كاساتلىشىىدۇ، دەپ قارىدى. %41 زىيارەت قىلىنغۇچى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى بىلەن ھەر قايسى ئەزا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ ئەڭ ئېغىر مەزگىلى ئۆتۈپ كەتتى، دەپ قارىدى.

  تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ %86ى ياۋرو رايونىدا سىجىل داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى ياۋروپانىڭ ئىناۋەت بازىرىغا خىلى چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىشى، شۇنداقلا بۇ 1 – پەسلىدىكى %69تىن خىلىلا ئېشىپ، يەنە بىر قېتىم رېكورت يارىتىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

  بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى دراگى: ‹‹ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، ياۋرونى قوغدايمىز›› دېگەن ھەم ئارقىدىنلا ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ياۋروپا پۇل مۇئامىلە بازىرى تەدرىجىي مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن. ئەمما ‹‹فىتىچ›› خەلقئارا ئىناۋەت باھالاش ئاپپاراتى مۇنداق قارىدى: ياۋرو رايونىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىسى ئاجىز، ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ، مۇبادا ئەمەلىي ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە بانكىلار ئىتتىپاقى قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلمىسا، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش قىيىن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە