- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياۋرو گۇرۇھى گېرىتسىيەگە 7 مىليارد 500 مىليون ياۋرو قۇتقۇزۇش قەرز پۇلى بېرىشكە قوشۇلدى
2013.05.15 09:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋرو گۇرۇھىنىڭ رەئىسى دەيسەربۇلۇم تۈنۈگۈن ئېچىلغان ياۋرو گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياۋرو گۇرۇھىنىڭ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق گېرىتسىيەگە يەنە بىر تۈركۈمدىكى 7 مىليارد 500 مىليون ياۋرو قۇتقۇزۇش قەرز پۇلى بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەيسەربۇلۇم گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن بۇرۇن بەرگەن ۋەدىسىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنى باج يىغىشنى كۈچەيتىش، بىر قىسىم ساھەلەرنىڭ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، تاۋار ۋە مۇلازىمەت بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
دەيسەربۇلۇم مۇنداق دېدى: ياۋرو گۇرۇھى يىغىندا كېلىشىم ئىمزالاپ، پەرقلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق قىسىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشقا قوشۇلدى. مالىيە مىنىستىرلىرى «ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇش ئەھدىنامىسى»نىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ئەمما ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ جانلىق ھالدا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا ۋەدە بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە