باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېنگالدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىناغا 17 كۈن كۆمۈلۈپ قالغان قىز ھايات قالدى

2013.05.14 16:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېنگال دۆلىتىنىڭ گېنېرال مايورى چاۋدۇرى خاسان سۇراۋادنىڭ 11-ماي دېيىشىچە، ئالدىنقى كۈنى پايتەخت داككا شەھىرى ئەتراپىدىكى ساۋار بازىرى رانا مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ سەككىز قەۋەتلىك سودا بىناسى خارابىسىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان قىز راشىمى يامغۇر سۈيى ۋە ئازغىنە يېمەكلىككە تايىنىپ 16 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ياشىغان.

  راشىمى بۇ يىل 18 ياش بولۇپ، تىككۈچى ئىكەن. ئۇ قامىلىپ قالغان مەزگىلدە يامغۇر سۈيى ئىچكەن، خىزمەتدىشىنىڭ چۈشلۈك تاماق قاچىسىدىن ئازراق يېمەكلىك تاپقان. ئۇ خارابە ئاستىدا بىمالال ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلالىغان، خارابە ئاستى بەك ئىسسىق بولغاچقا، يەنە تېخى قايچا تېپىپ چېچىنى كېسىۋەتكەن، كىيمىنىمۇ ئالماشتۇرغان. ‹‹ئۇ بېنگال دۆلىتىنىڭلا ئۈلگىسى بولۇپ قالماي، دۇنيانىڭمۇ ئۈلگىسى›› دېگەن سۇراۋاد.

  رانا مال سېتىۋېلىش مەركىزىنىڭ سەككىز قەۋەتلىك سودا بىناسى 24-ئاپرېل ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، 11-مايغىچە تەخمىنەن 1100 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن. خارابە تازىلىغۇچىلار 10-ماي راشىمىنى بايقىغان، قۇتقۇزغۇچىلار 45 مىنۇتتا ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە