باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىجتىمائىي قوغداش سىناق نۇقتىسى خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

2013.05.15 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىجتىمائىي قوغداش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىجتىمائىي قوغداش سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئايرىم ئۆلكە دەرىجىلىك سىناق نۇقتىسى رايونى قۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەھەللە قوغداش تورى قۇرۇش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

  بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 6 مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەھەللىلەر قوغداش تورى قۇرۇش. 2) ئائىلىلەردە نازارەتچىلىك قىلىپ قوغداش مۇلازىمىتى ۋە نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش. 3) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش. 4) قىيىنچىلىقتا قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش. 5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. 6) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە