- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چىڭخەي شىنىڭدىن تەيۋەن تەيبېيگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ساياھەت ئايروپىلانى سېلىنىدىكەن
2013.05.15 09:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تەيۋەن چاڭرۇڭ ئاۋىياتسىيەسى بىلەن تەيۋەندىكى 13 غوللۇق ساياھەت كوپىراتىپىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن، بۇ يىل ئىچىدە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرىدىن تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ساياھەت ئىجارە ئايروپىلانى سېلىشنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن.
چىڭخەي ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسى تاشقى ئالاقە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يۈيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنىڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ 2-بىناسى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ساياھەت ئىجارە ئايروپىلانى بالدۇر بولغاندا، 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان مەزگىللەردىكى چىڭخەينىڭ ساياھەت ئالتۇن پەسلىدە قاتناشقا باشلايدىكەن. ھەر ھەپتىدە ئىككى ئايروپىلان قېتىم ئۇچىدىكەن، ھەمدە 8 دە 2 نىسبەت بويىچە ئۆز ئارا ساياھەتچىلەرنى توشۇيدىكەن. يەنى تەيۋەن %80 ساياھەتچى، چىڭخەي تەرەپ %20 ساياھەتچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە