باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئازسانلىق مىللەت نامرات رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى

2013.05.15 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 14-ماي «جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. كىتابتا ئېيتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئازسانلىق مىللەت نامرات رايونلىرىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان.

  كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزنىڭ مەركەز مالىيەسى مىللىي رايونلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مەركەز مالىيەسىنىڭ 8 مىللىي ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا قاراتقان يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئومۇمىي مىقدارى 2 تىرىليون 605 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ يەرلىككە قاراتقان يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %24.3 تىن %25.7 گە ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستلار، مىللىي ئاپتونوم ناھىيەلەر ۋە چېگرا رايونلارنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت «نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەشنىڭ 2011-يىلىدىن 2015-يىلغىچە بولغان پىلانى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، نوپۇسى 100 مىڭدىن كۆپ 300 مىڭدىن ئاز 6 مىللەتنى يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشى ۋە تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى. دۆلەت چېگرا رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، «چېگرىنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشنىڭ 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت پىلانى» تۈزۈپ يولغا قويدى. دۆلەت يەنە چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، 8 ئازسانلىق مىللەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات نوپۇس 23 مىليون 384 مىڭدىن 13 مىليون 44 مىڭغا ئازايدى. نامراتلىشىش نىسبىتى %16.5 تىن %7 گە چۈشۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى نامراتلىشىش نىسبىتىنىڭ چۈشۈش مىقدارىدىن 5.5 پوئىنتى تېز بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە