- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياردەم پۇلى ۋە مەكتەپ تاللاش پۇلى ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ
2013.05.15 16:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي شاڭخەيدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، مەلۇم بىر تورداش مىكرو بىلوگدا شاڭخەيدىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ياردەم پۇلى ئۆلچىمى «جىڭئەن مائارىپ ئىنىستىتۇتى شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 100 مىڭ يۈەن، بىرىنچى پىداگوگىكا شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 100 مىڭ يۈەن، شاڭخەي چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 200 مىڭ يۈەن......» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ياردەم پۇل ۋە مەكتەپ تاللاش پۇلى ئېلىشى قاتتىق مەنئىي قىلىنىدى، ئەگەر بىرەرسى «قولۇمدىن كېلىدۇ» دەپ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ تاللاش پسىخىكىسىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سوممىلىق پۇل ئالماقچى بولسا، شەھەر ئاھالىسى بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇشى لازىم، دېگەن. (جياڭ خۇڭبىڭ)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە