- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 9000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
2013.05.13 14:31 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنخۇا ئاگېنىتلىقى ئۈرۈمچى 11-ماي تېلېگراممىسى: 11-ماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2013-يىللىق ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان، ئۇقتۇرۇش بويىچە 9122 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 792 ئوقۇغۇچى كۆپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ يىلدىن باشلاپ، بىر شەھەردىكى ئالتە مەكتەپتە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى كۆپەيتىلىدىكەن.
بۇ يىلدىن باشلاپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ شەھىرىدىكى ئالتە مەكتەپتە شىنجاڭ سىنىپلىرى كۆپەيتىلدىغان بولۇپ، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 31 مىڭغا يېتىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە