باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ

2013.05.16 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەكبەر ئىسمائىلنىڭ 14 – ماي ئېچىلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

  يىغىندا، ئالىي مەكتەپلەردىن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئادەمنى ئاساس قىلىش، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹كىمنى تەربىيەلەش، قانداق تەربىيەلەش›› مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كىشىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، كىشى قەلبىنى چۈشىنىدىغان، كىشىنى نەتىجە قازىنىشقا يېتەكلەيدىغان تەربىيەلەش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر بىر ئىستۇدېنتنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئاساس سېلىش تەلەپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ دېجۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭدىن كېيىن، ھازىرقى تەربىيەلەش ئەندىزىسى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتكە ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش نىشانى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئېنىق تونۇپ، ئۆزىگە، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تەربىيەسى، ئۆزگىچە خاراكتېر، ئۆزگىچە تەپەككۇر، ئۆزگىچە روھىي ھالەت يېتىشتۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان يېڭىلىق يارىتىش روھى تەربىيەسى، ئۆز – ئۆزىنى چەكلەش، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش، مۇستەقىل ئۆگىنىش قارىشىنى تۇرغۇزۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئەمەلىيەت ئىقتىدارى تەربىيەسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشى كېرەك.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايون 2010 – يىلى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۈچ تۈركۈمدە 28 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى باھالىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 24 مەكتەپ لاياقەتلىك، ئىككى مەكتەپ لاياقەتسىز بولغان، قالغان ئىككى مەكتەپنى باھالاش ئاياغلاشمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە