باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىنزو ئابې «تومىئىچى سۆھبىتى»گە ۋارىسلىق قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.05.16 16:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ 15-چېسلا كېڭەش پالاتاسى خامچوت كومىتېتىنىڭ مۇنازىرە يىغىنىغا قاتناشقاندا، ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاجاۋۇزچىلىقى جۇڭگو، كورىيە قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېغىر تالاپەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى، ئىچكى كابىنېت ياپونىيەنىڭ ئۆتمۈشتىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان «تومىئىچى سۆھبىتى»گە ۋارىسلىق قىلىدۇ ھەمدە جۇڭگو، كورىيە قاتارلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق تىرىشىدۇ، دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە