14-ماي، تۈركىيەدىن كەلگەن مۇزىكا ئەترىتى نيۇيوركتىكى مەركىزىي ۋوگزالدا نومۇر ئورۇندى. شۇ كۈنى ئامېرىكا نيۇيوركتا «تۈركىيە كۈنى» پائاليىتى ئېلىپ بېرىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، سەنئىتى، تائاملىرى ۋە ساياھەت ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلدى، ھەمدە ئىستانبۇلنىڭ 2020-يىلىدىكى يازلىق ئولېمپىك مۇسابىقىسىنى ئېلىپ بېرىشقا ئىلتىماس قىلىشى ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخىرى ۋاڭ لېي فوتوسى)