- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق بۇلغۇما مىقدارىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
2013.05.16 09:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا 2012-يىلى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە 8 مەركەز كارخانىسىنىڭ ئاساسلىق بۇلغۇما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى شۇنداقلا «12-بەش يىلدا ئاساسلىق بۇلغۇمىنى قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش نىشانى مەسئۇلىيەتنامىسى»نى يىللىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يەنە ئاز بىر قىسىم ئورۇن ۋە كارخانىلارنىڭ بۇلغۇما ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىش خىزمىتىدە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى ئايان بولدى، بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يوقارقى رايون ۋە كارخانىلارنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تولۇق ئۆزگەرتمىگەن ياكى خىزمەتتە كۈچلۈك بولماي ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە