باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2020-يىلغىچە شىنجاڭ قاتارلىق جايلار يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تىجەشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ

2013.05.16 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ماي بېيجىڭ خەۋىرى2012-يىلى 11-ئايدا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «دۆلەتنىڭ 2012-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، سۇنى تېجەپ سۇغۇرۇشنى ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى بىر تۈرلۈك زور ئىستراتېگىيە ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك تۈپ تەدبىر قىلىپ تۇتۇشنى تەكىتلىدى.

  پىروگرامما بېسىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك سۇ ئىنشائاتى تارماقلىرى پىروگراممىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى. نۆۋەتتە خېبېي، جىلىن، شىنجاڭدىن ئىبارەت 3 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون « دۆلەتنىڭ 2012-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان يېزا ئىگىلىكى سۇ تېجەش پىروگراممىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يولغا قويۇش پىكرى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سۇ تۇپراق بايلىقى شارائىتىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇ كۆلىمى بىلەن سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش تەدبىرلىرى بىلەن غەيرى قۇرۇلۇش تەدبىرلىرى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تىجەش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پىروگرامما بېسىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە، پىروگراممىدىكى نىشان ۋەزىپىلەرگە بويىچە، جايلارنىڭ سۇ، تۇپراق شارائىتىغا ئاساسەن، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزۈشنى كەڭ قانات يايدۇردى. ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە زامانىۋى سۇغۇرۇش كۆلىمى، مەملىكەت بويىچە چارۋىچىلىق رايونلىرى سۇ ئىنشائاتى تەرەققىيات پىلانى، بىنەم يەر تېرىقچىلىقىدا سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى پىلانلاش خىزمەتلىرىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە