شىمالىي قۇتۇپ مۇدىرىيىتىنىڭ ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى 15-ماي شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىدىكى كىرۇنا شەھىرىدە چاقىرىلدى. يىغىندا، جۇڭگو قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ شىمالىي قۇتۇپ مۇدىرىيىتىنىڭ رەسمىي كۆزەتچىسىگە ئايلانغانلىقى جاكارلاندى. 2006-يىلى جۇڭگو شىمالىي قۇتۇپ مۇدىرىيىتىگە ئىلتىماس سۇنغاندىن بۇيان، 7 يىل ساقلاش ئارقىلىق، ئاخىرى ۋاقىتلىق كۆزەتچىدىن رەسمىي كۆزەتچىگە ئايلاندى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)