باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ناھىيە مۆلدۈرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى

2013.05.16 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاۋات، ئونسۇ، پەيزىۋات، مەكىت قاتارلىق تۆت ناھىيە مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچراپ، ئىقتىسادىي زىيىنى ئېغىر بولدى.

  ئاۋات ناھىيەسىدە مۆلدۈر ۋە قارا يامغۇرنىڭ زەربىسىدە كېۋەز ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان

  14-ماي كەچ سائەت 20:38 ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ سائەت 22:00گىچە، ھۆل ـ يىغىن مىقدارى 30.3 مىللىمېتىرغا يەتتى، سائەت 21:20 دىن 20:37 ئۆتكىچە 17 مىنۇت مۆلدۈر ياغدى، ئەڭ چوڭ مۆلدۈرنىڭ دىيامېتىرى 7 مىللىمېتىر كېلىدىكەن.

  17 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قارا يامغۇر ۋە مۆلدۈر زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتتى

  ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بۇ ئاپەت 1996-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قارا يامغۇرلۇق ھاۋارايى ئىكەن.

  ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق مۆلدۈر ۋە قارا يامغۇر ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 284 مىڭ 957 موغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 191 مىڭ 10 مو يەردىكى كېۋەز ئاپەتكە ئۇچرىغان، 93 مىڭ 40 مو يەردىكى كېۋەزدىن مەھسۇلات ئالغىلى بولمايدىكەن. ئارپا بەدىيان، بۇغداي، كۆممىقۇناق، چىلان قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ۋە 1286 پارنىك زىيانغا ئۇچرىغان.

  ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيىنى 159 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن.

  شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسى مۆلدۈر ۋە قارا يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچرىدى2013-يىلى 14-ماي كەچ سائەت 8:20 ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئالتە يېزا،بازار، مەيدان مۆلدۈرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئەڭ چوڭ مۆلدۈرنىڭ دىئامىتىرى 25 مىللىمېتىرغا يېتىپ، كېۋەز، چىلان، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر زور كۆلەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان.

  پەيزىۋات ناھىيەسى

  مۆلدۈر ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  14-ماي پەيزىۋات ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ۋىلايەتلىك يېزا ـ ئىگىلىك، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسىغا كېلىپ، مۆلدۈر ئاپىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈردى، ھەمدە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۆلدۈر ئاپىتىدە، بۇ ناھىيەنىڭ ئويتوغراق يېزىسىدىكى توققۇز كەنت ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كۆلىمى 34 مىڭ 100 موغا يەتكەن، ئىقتىسادىي زىيان 70 مىليۇن يۈەندىن ئاشقان. مۆلدۈر ئاپىتىگە قارىتا، پەيزىۋات ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى ۋە سۇغۇرتا شىركىتى دەسلەپكى قەدەمدە 2 مىليۇن يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، نۆۋەتتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن.

  مەكىت ناھىيەسى

  مۆلدۈر 60 مىڭ مودىن ئارتۇق دېھقانچىلىق زىرائىتىنى زىيانغا ئۇچراتتى، مەكىت ناھىيەسى خادىم تەشكىللەپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى

  13-ماي سائەت 22:00لەردە، مەكىت ناھىيەسىدە قاتتىق بوران، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، مۆلدۈر قاتارلىق ھاۋا رايى كۆرۈلگەن.ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مەكىت ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدا 21 ئېغىز ئۆي، 21 پارنىك، 66 مىڭ 179 مو يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان كېۋەز كۆلىمى 55 مىڭ 179موغا، كۆممىقۇناق كۆلمى 3573موغا، بۇغداي 680موغا، چىلان 5 مىڭ موغا يەتكەن، تۈرلۈك قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتاتلىقلاردىن 1603 مو يەر ئاپەتكە ئۇچرىغان.ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەكىت ناھىيەسى ئادەم تەشكىللەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان يېزا ـ كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەت ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە