باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تىغ ئۇچى جاھىل كېسەللەرگە قارىتىلدى

2013.05.16 16:37        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-ئاپرېل ۋە 6-ماي كۈنى، گوۋۇيۈەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 71 خىل ۋە 62 خىل مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، گوۋۇيۈەن مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا قايتا سەپەرۋەرلىك يۈرگۈزدى، زۇڭلى لى كېچياڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا بىر ئاي ئىچىدە 3 قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلىنىپ، تىغ ئۇچى «ئاشكارىلىرى ئازىيىپ، يوشۇرۇنلىرى كۆپىيىش»، «بىر ياقتىن ئازىيىپ، بىر ياقتىن كۆپىيىش»، «مۈكۈشمەك ئويناش»، «ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇش» قاتارلىق جاھىل كېسەللىكلەرگە قارىتىلدى.

  گەرچە ھۆكۈمەت بىر ئاي ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تېخى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق ئورنى ئاساسىي قانۇن ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، گوۋۇيۈەن مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى جوۋ خەنخۇا جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: زور نىسبەتتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن بارلىق تەستىق تۈرلىرى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ۋە سالاھىيەت-سۈپەت تەكشۈرۈشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قىسىم تەستىق ھوقۇقلىرى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ.

  لى كېچياڭ 3-ئايدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھازىر گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا 1700دىن ئارتۇق مەمۇرىي تەستىق تۈرى بار. ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا بىلەن بىرلەشتۈرگەندە، 3-ئايدىكى گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن بۇرۇن، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى ئۇدا 6 نۆۋەت ئازايتىلغان، جەمئىي 2400 دىن ئارتۇق تەستىق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ۋە تەڭشىلىپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش ۋە تەڭشەش نىسبىتى %69.3 كە يەتكەن.

  13-چېسلادىكى يىغىندا ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق يەرلىكنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەندى. لى كېچياڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز خىزمەت ھوقۇقى بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشى، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت ئىشلارنى ئىمكانقەدەر يېقىندىن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى، ئىش بولسىلا بېيجىڭغا كېلىپ تەستىقلىتىشنى ئۆزگەرتىشى لازىم، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە