- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئۈچ تۈرلۈك بەلگىلىمە» لايىھەسىنى بېكىتىپ، 11 خىل ۋەزىپىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردى
2013.05.16 16:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ئاپپارات ئىشتاتى تورىدا بۈگۈن دۆلەت يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، ئىچكى ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملار ئىشتاتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىنىپ، بۇ ئىدارىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى، ئىچكى ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملار ئىشتاتى بېكىتىلدى. «بەلگىلىمە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى (مىنىستىر دەرىجىلىك) گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات بولۇپ، 6 خىل ۋەزىپىسى بىكار قىلىنىدۇ، 5 خىل ۋەزىپىسى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ، 5 خىل ۋەزىپىسى تەرتىپكە سېلىنىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە