- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۆۋەن ئىجارىلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغامەركەز مالىيەسىدىن 8 مىليارد يۈەن مەخسۇس ياردەم پۇلى ئاجرىتىلدى
2013.05.16 16:30
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مەركەز مالىيەسى2013-يىلى مەركەزنىڭ تۆۋەن ئىجارىلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەخسۇس مەبلىغىگە 8 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، ئالاقىدار رايونلارنىڭ 2013-يىللىق تۆۋەن ئىجارىلىك تۇرالغۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا مەدەت بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە،شەرقىي رايونلارنىڭ 253 مىليون 350 مىڭ يۈەن بولۇپ، %3.1 نى، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ 4 مىليارد 332 مىليون 75 مىڭ يۈەن بولۇپ، %54.2نى، غەربىي رايونلارنىڭ 3 مىليارد 413 مىليون 90 مىڭ يۈەن بولۇپ، %42.7نى ئىگىلەيدۇ. (مۇخبىر لى لىخۇي)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە