باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى بېيجىڭدا ئۇيۇن قويدى

2013.05.17 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىغا ئۈچ يىل بولغان پەيتتە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلى بېيجىڭ دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا كېلىپ ئويۇن قويۇپ، پايتەخت ئاممىسىنىىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر رادىيو خىزمەتچىلىرى بېيجىڭدىكى سەپىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى گوۋۇيۈەن ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قوللىشى ئارقىسىدا، مۇقام ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى. 14-،15-ماي كەچتە «مۇقام باھارى» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى كېچىلىكى تەكلىپكە بىنائەن دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا قويۇلدى. پايتەختتىكى ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ، 1800دىن ئارتۇق كىشى ئويۇن كۆردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى جاپالىق رايونلاردىن كەلگەن 12 مۇنەۋۋەر رادىيو خادىمى بېيجىڭغا كېلىپ ئۆگىنىش ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ ئاساسىي قاتلام رادىيو خادىملىرى ئۇزۇندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېزا كەنت رادىيو ئۇزىللىرىدا خىزمەت قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات بازىسىنى قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاۋازىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى. ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئۆگىنىش داۋامىدا، ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ، كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى خاتىرىلەپ، رادىيو تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىنى يۇرتىغا ئېلىپ كەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە