- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قارىتا جىنىس شەرتى قويۇشقا بولمايدۇ
2013.05.17 15:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 16- چېسلا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەت ئىزدىگۈچىگە جىنىس ۋە مىللەت ئايرىمىسى قاتارلىق شەرتلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا، پۈتتۈرگەن مەكتىپى، يېشى، نوپۇس تەۋەلىكى قاتارلىق چەكلىمە خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيىتى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسىنىڭ قەرەلى ئۇزارتىلىدۇ، ۋەھاكازالار. (شاڭ ياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە