باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ تيېنەن دېلوسىدا ئىلگىرىلەش بولدى(1)

2013.05.17 13:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ماي سائەت 11دە، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ تيېنەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلدى، بۇ قىسقا ئۇچۇر تور ئەھلىنىڭ مۇنازىرە قىزغىنلىقىنى توسىيالمىدى. جامائەتچىلىكنىڭ مۇنازىرە قىزىق نۇقتىسى بۇ خەۋەردىن ليۇ تيېنەن بەرگەن بىشارات ۋە ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇنازىرىگە كېڭەيدى، ئۇچۇر مىقدارى تېز ئېشىپ، يۇقۇرى پەللىگە چىقتى.

  ليۇ تيېنەننىڭ تەرجىمىھالىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ ئىقتىساد ئىلمى ماگىستىرى، 1983-يىلى دۆلەتلىك پىلان كومىتېتىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىنكى 28 يىلدا، ئاساسەن ئىقتىساد ساھەسىدە خىزمەت قىلغان.

  بىراق ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىدا ساختىلىق قىلىشىمۇ لو چاڭپىڭ پاش قىلغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى. 1996-يىلى ليۇ تيېنەن جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى بولغان، ئۇ ئىلگىرى باشقىلارغا نوگايا شەھەرلىك ئالىي مەكتەپتە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيەتكەن، لېكىن لو چاڭپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ليۇ تيېنەن بۇ مەكتەپنىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىۋالغان.

  ھازىر بۇنى باشقا ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كىچىك مەسىلە بولۇپ قالدى. لو چاڭپىڭ پاش قىلىش داۋامىدا ليۇ تيېنەن مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدۇ دېدى: 1-، جېجياڭلىق مەلۇم بىر سودىگەر بىلەن ئەمەل سودا ئىتتىپاقى قۇردى. ليۇ تيېنەننىڭ ئوغلى بۇ سودىگەرنىڭ شىركىتىگە پاي قوشتى ھەمدە مۇدىر بولدى؛ 2-، خۇيفېڭ بانكىسى ھېسابات نۇمۇرى كۆپ قېتىم شىركەتنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى؛ 3-، ئاشنا تۇتتى، تۇرمۇش ئىستىلى مەسىلىسى بار.

  بۇ ۋاقىتتا ليۇ تيېنەن دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغىنىغا ئىككى يىلمۇ بولمىغان ئىدى.

  2010-يىلى 12-ئايدا، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان ليۇ تيېنەن قوشۇمچە دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان ئىدى. ئۇ ئىدارە باشلىقى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر تاراتقۇ دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئەربابىنىڭ باھاسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ليۇ تيېنەن كىچىك پېئىللىق بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئەمەلىي خىزمەت قىلىدۇ، داۋراڭ سېلىشنى ياقتۇرمايدۇ، دېگەن ئىدى.

  مىكرو بىلوگتا پاش قىلىنغان كۈنى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى بۇنىڭغا تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، پاش قىلىنغان مەزمۇنلار پۈتۈنلەر تۆھمەت، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئالاقىدار تور باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، رەسمىي قانۇنىي ۋاسىتە ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، دېدى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىياسىي قانۇن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ دوتسېنتى ليۇ سۇخۇا مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى پاش قىلىش ئىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىدى. تەكشۈرۈشكە جەريان كەتسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان ئورۇن بۇنداق فۇنكسىيەنى ھازىرلىمىغان ئاخبارات ئىشخانىسى ئەمەس بەلكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى ياكى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى بولۇشى كېرەك ئىدى.

  بىراق بۇ قېتىمقى پاش قىلىشنىڭ ئاساسىي قىزىق مەيدانى مىكرو بىلوگ بولدى. ھەتتا ليۇ تيېنەن ئاشكارا سورۇنلاردا كۆپ ئايان بولدى. 2012-يىلى 17-دېكابىر شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى؛ 2012-يىلى 18-دېكابىردا مەملىكەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى تەشكىللەپ ئاچقان خىزمەت سۆھبىتىگە قاتناشتى. 2013-يىلى 7-يانۋار دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە 30-يانۋار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەملىكەتلىك خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر پورگراممىسىدا ئايان بولدى.

  شۇ كۈنى لو چاڭپىڭنىڭ پاش قىلىشىغا ئىنكاس بىلدۈردى. ئۇ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مېنى پاش قىلىش ئىشىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرمەكتە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە