باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دالاي گۇرۇھى مەخسۇس «ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش يېتەكچىلىك قوللانمىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى

2013.05.17 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر مەزگىلدىن بۇيان جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى قىسمەن جايلاردا يۈز بەرگەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن، جۇڭگو مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت ئارقىلىق «‹ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش يېتەكچىلىك قوللانمىسى›دىن دالاي گۇرۇھىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىنى قانداق ئېلىپ بارىدىغانلىقىقا نەزەر» تېمىسىدا ئۇنىۋېرسال تېلېۋىزىيە مەخسۇس پىروگراممىسى ئىشلىدى.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىچۇەندىكى گەنزى قاتارلىق تىبەتلەر رايونىدا كۆپ قېتىم راھىبلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دالاي گۇرۇھى مەخسۇس «ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش يېتەكچىلىك قوللانمىسى»نى ئېلان قىلىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلغان. «ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش يېتەكچىلىك قوللانمىسى»دا زاڭزۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ئۇسۇلى، ۋاقتى ۋە ئورنىغا يېتەكچىلىك قىلىنغان، بۇ خىل ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قىلمىشى غەرب ئالىملىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە