- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچاڭ گرىتسىيە باش مىنىستىرى ساماراس بىلەن سۆھبەتلەشتى(1)
2013.05.17 16:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
باش مىنىستىر لى كېچاڭ 16-ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا گرىتسىيە باش مىنىستىرى ساماراس بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا تېخىمۇ ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق ھالەت بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۇرتكە بولۇشى كېرەك.
لى كېچاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گرىتسىيە شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 41 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر بىرىگە ئىشنىشى چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو ، گېرتسىيەنىڭ جۇڭگونىڭ لىۋىيەدىن خادىملىرىنى چېكىندۈرۈشتە خەۋپكە يولۇققاندا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئۇنۇتمايدۇ. جۇڭگو گرىتسىيەنى ئىشەنچلىك ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى دەپ قارايدۇ، ھەمدە باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا ئىشنىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھى بويىچە، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچلىرىنى قېزىپ، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گرىتسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى، ئىككى چوڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتنى مەدەنىيەت كۆپ خىللاشقان دۇنيا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لى كېچاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گرىتسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى پۇختا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق ساھەلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك .1- ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ بىر قاتار پىلانلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ ، سودا ھالىتىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2015-يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى بىر قاتلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئاساسىي مۇئەسسەسسە، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. بىز گرىتسىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گرىتسىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 2- دېڭىز ترانسپورت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە قوللاشنى زورايتىش كېرەك. 3- ساياھەت ھەمكارلىقىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. گرىتسىيەنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ گرىتسىيەگە ساياھەتكە چىقىشتىكى ۋىزا بېجىرىش رەسمىيىتىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. 4- مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مول مەدەنىيەت بايلىقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ ۋە ئىشلىتىپ، كۆپ خىل شەكىللەردىكى ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ چۈشۈنۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە