باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يېزا قوش تىل يەسلىسىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2013.05.20 16:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش 19-ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يېزا قوش تىل يەسلىسىگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە جەمئىيەتتىن ئاشكارە ھالدا 11 مىڭ 316 نەپەر ئوقۇتقۇچى، يېزا قوش تىل يەسلىسىگە 2134 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق تەرتىپى: توردا تىزىملىتىش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە مەيدان ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، يېزىقچە ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، تەڭشەش، ئېلان قىلىش، خىزمەتكە چۈشۈشتىن بۇرۇن تەربىيەلەش ۋە يېڭى خىزمەت ئورنىغا بېرىپ تىزىملىتىش قاتارلىق 11 ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 2013-يىلى 21-مايدىن 30-مايغىچە.

  بۇ قېتىملىق تىزىملىتىش نىزامنامىسى، خىزمەت ئورۇن جەدىۋىلى ۋە ئىمتىھان چۈشەندۈرۈلۈشى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار شىنجاڭ مائارىپ تورى ( http://www.xjedu.gov.cn ) ۋە شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى ( http://www.xjrs.gov.cn) دا ئېلان قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىنىدىغان مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا ئالاھىدە ئىش ئورۇنلۇق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنلا ئىشتاتلىق قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە