باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹شىنجاڭ گېزىتى››قەشقەردىكى مىللىي كارخانىچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2013.05.17 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى بىلەن قەشقەردىكى مىللىي كارخانىچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قەشقەردىكى مىللىي كارخانىچىلارنى ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەش، مىللىي كارخانىلارنىڭ داڭقىنى ئاشۇرۇپ، مىللىي كارخانا ماركىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئىدارىسى 16 – ماي قەشقەر شەھىرىدە قەشقەردىكى مىللىي كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ گېزىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 20 دىن ئارتۇق مىللىي كارخانىچى ۋەكىلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، تىراژى، تارقىلىش دائىرىسى، تەسىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ گېزىتى بىلەن قەشقەردىكى مىللىي كارخانىچىلار ئوتتۇرسىدىكى چۈشۈنۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. كارخانىچىلارمۇ بەس – بەسىتە پىكىر بايان قىلىپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە