باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندىكى مۇتەئەسسىپلەر «ئىككى خۇتۇنلۇق» بولۇشقا قارشى تۇردى

2013.05.20 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان پارلامېنتى 18-ماي ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى لاھىيەسىنى مۇنازىرە قىلىپ بىرلىككە كېلەلمىگەن. پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدىكى پارلامېنت باشلىقى ئابدۇللا ئىبراھىمى مۇنازىرىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ، ئەمما ئېنىق ۋاقتىنى ئېيتمىغان.

  18-ماي مۇنازىرە قىلىنغان قانۇن لاھىيەسى زۇڭتۇڭ خەمىد كارزايى 2009-يىلى ئىمزالىغان «ئاياللارغا قىلىنغان زوراۋانلىقنى يوقىتىش قانۇنى»دىن كەلگەن بولۇپ، «ئاياللارغا قىلىنغان زوراۋانلىقنى يوقىتىش قانۇنى»دا تۇنجى قېتىم ئائىلە زوراۋانلىقى، بالا چېغىدىلا تويىنى قىلىپ قويۇش، ئاياللارنى ئۈلۈمگە زورلاش ۋە ئاياللارنى ئېلىپ-سېتىش قاتارلىقلارنى تۇنجى قېتىم جىنايەت دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.

  قانۇن ئەينى چاغدا پارلامېنتنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتمىگەن، ئەمما ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلىدىغان ئافغانىستان قانۇنى بولۇشى ئۈچۈن، بۇ قانۇن چوقۇم پارلامېنتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.

  «ئاياللارغا قىلىنغان زوراۋانلىقنى يوقىتىش قانۇنى»نىڭ مەزمۇنىغا قارىتا، مۇتەئەسسىپلەر ۋە دەھرىيلەر (دىندىن خالىيلار)نىڭ ئىختىلاپى چوڭ بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئىككى سائەتتەك قاتتىق تالاش-تارتىش قىلغان. رېتىر ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇتەئەسسىپلەر بۇ لاھىيەدىكى ئاز دېگەندىمۇ 8 تۈرلۈك ماددىغا قارشى تۇرغان، بۇ ماددىلار قىزلارنىڭ قانۇنلۇق توي قىلىش يېشىنى 16 ياش قىلىپ بېكىتىش، ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلارنى يىغىۋېلىش ئورنى قۇرۇش ۋە ئەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ئايالىنىڭ سانىنى ئىككىگە چۈشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە