باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشتە شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، ئېغىرىدىن قېچىپ، يېنىكىگە يۈگۈرمەسلىك لازىم

2013.05.17 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركەز ئاپپارات ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا گوۋۇيۈەن بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى قارار قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا خەلق گېزىتى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مەبلەغ تەستىقى، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ۋە كەسپىي پائالىيەت تەستىقى ۋە سالاھىيەت-سۈپەت ئىجازىتىنى بېكىتىش قاتارلىق تەستىق تۈرلىرى نۇقتىلىق تاللاندى.

  سوئال: زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون سەپەرۋەرلىك يىغىندا 133 خىل مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلىش ۋە ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى جاكارلىدى، بۇ جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىبارىنى قوزغىدى، بۇنىڭ ئالاقىدار ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئاساسلىق كۆزدە تۇتۇلغان تەرىپىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.

  جاۋاب: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا ماقۇللانغان «گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە»دېيىلىدۇ)دە، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىش گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، پۇقرالارمۇ بۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىدى. مەمۇرىي تەستىقنى ئازايتىش گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. زۇڭلى لى كېچياڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنىڭ يەنە ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى قىسقارتىشنى قەتئىي ئىرادە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. گوۋۇيۈەننىڭ بىرىنچى قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنى، بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ۋە بىرىنچى قېتىملىق پاكلىق خىزمىتى يىغىنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىلگىرىكى مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تەجرىبە- ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ۋە دەلىلەش ئارقىلىق، بۇ قېتىم گوۋۇيۈەن ئاۋۋال بىكار قىلىنىدىغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىلىدىغان 133 خىل مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بېكىتتى. بۇ تۈرلەرنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىشتە، ئاساسلىقى تۆت نۇقتا ئىگىلەندى: بىرىنچى، ھۆكۈمەت بىلەن بازار ۋە ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مىكرو ئىشلارغا بولغان باشقۇرۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ئازايتىپ، ئىسلاھاتنىڭ تۈزۈم پايدىسىنى يەنىمۇ بوشىتىپ، بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەنگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش. ئىككىنچى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەجەللىك يېرىنى دەل جايىدا تېپىپ، مەبلەغ تەستىقى، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت كەسپىي پائالىيەت تەستىقى، سالاھىيەت-سۈپەت ئىجازىتىنى بېكىتىش قاتارلىق ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى چەكلەيدىغان، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان تەستىق تۈرلىرىنى نۇقتىلىق تاللاش. ئۈچىنچى، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلار ۋە بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ھوقۇقلارغا قارىتا، قەتئىي بىكار قىلىش، تەلتۆكۈس تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، ئېغىرىدىن قېچىپ، يېنىكىگە يۈگۈرمەسلىك. تۆتىنچى، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پائال ۋە ئىشەنچىلىك بولۇش.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە