- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېرما رەھبىرى 47 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى
2013.05.20 10:46 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: بېرما پىرېزىدېنتى تېيىن سېيىن 17-ماي ئامېرىكىغا بېرىپ، 47 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان بېرما رەھبىرى بولۇپ قالدى. تېيىن سېيىن بۇلتۇر 2-ئايدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سىياسىي ئىسلاھات ۋە مەملىكەتلىك ياراشتۇرۇشنى يولغا قويغان.
ئوباما بۇلتۇر بېرمىدا زىيارەتتە بولغاندا، تېيىن سېيىننى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. ئاقساراي باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئوباما ھۆكۈمىتى بېرمىنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات مۇساپىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: تېيىن سېيىن زىيارەتكە مېڭىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن 20 سىياسىي جىنايەتچىنى ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلدى. سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىش-تېيىن سېيىننىڭ سىغدۇرۇشچان سىياسىي مۇساپىنى يولغا قويۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە