باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن ئىككى جاسۇسنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

2013.05.20 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران 19-ماي ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن دەپ ئەيىپلەنگەن ئىككى ئادەمنى دارغا ئاسقان.

  ئىران ھۆكۈمىتى كورۇش ئەھمەدنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق ئورگىنى «موساد»نى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ پۇل ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىرچە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ تۇتۇلغان ۋە سوراق قىلىنغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قارار تېھران ئىنقىلابىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان، ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىران كۆپ قېتىم ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندا جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ھەمدە ئىراننىڭ ئىران تەۋەسىدىكى كۆپلىگەن جاسۇسلۇق تورىنى بىتچىد قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە