- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ساختا ناچار قوي-كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش سېتىش قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ
2013.05.17 09:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ساختا ناچار قوي گۆشى، كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرى گۆشى قاتارلىقلارنى سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا يەنىمۇ قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار تارماقلار گۆش ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، گۆش ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە سۇ ئۇرۇلغان گۆش، ساختا كالا-قوي گۆشى، كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئۆي قۇشلىرى قاتارلىق تۈرلۈك زەھەرلىك، زىيانلىق گۆش مەھسۇلاتلىرىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، بۇ قېتىم گۆش ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تىزگىنلەش ھەرىكىتىدە يېزىلار، شەھەر يېزىلار تۇتاشقان جايلار قاتارلىق رايونلارغا نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، كارخانىلار سىرتقا ئىجارىگە بەرگەن ئۆيلەر، سېخلار، ئىسكىلاتلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدۇ، ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىپ، شەخسىي مال سويۇش، كالا-قوي گۆشىنى قانۇنسىز پىششىقلاپ ئىشلەش ھەمدە تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىشتا لاياقەتسىز بولغان، كېسەل بىلەن ئۆلگەن ھەمدە سۇ ۋە باشقا ماددىلار ئۇرۇلغان ئۆي قۇشلىرىنى سېتىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق قىلمىشلار قاتتىق تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، قانۇنسىز گۆش ئىشلەپچىقىرىپ سېتىش ھەمدە گۆش مەھسۇلاتلىرى قارا ئۇۋىلىرى، قارا دۇكان ۋە زاۋۇتلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ساختا كالا-قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كېسەل بىلەن ئۆلگە ئۆي قۇشلىرىنى زىيانسىز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى چىڭ تۇتۇپ بەرپا قىلىپ، گۆش ھەمدە گۆش مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە بولغان ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە