سالۋادور ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتىدىكىلەر ھامىلە چۈشۈرتۈشنى قوللاپ يېرىم يالىڭاچ نامايىش قىلدى
2013.05.17 16:42 مەنبە: خەلق تورى
2013-يىلى 15-ماي، سالۋادور پايتەختىدە، ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى يېرىم يالىڭاچ پېتى سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ، ھامىلە چۈشۈرتۈشنى قوللاپ نامايىش قىلدى. 22 ياشلىق بىر ھامىلىدار ئايال قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، سوتقا ھامىلە چۈشۈرتۈش ئىلتىماسى سۇنغان، ھالبۇكى سالۋادوردا ئاياللارنىڭ ھامىلە چۈشۈرتۈشى قانۇنسىز ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە