- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى 10 مېھمانساراي ۋە 100 نەپەر ساياھەت يېتەكچىسى مۇكاپاتلاندى
2013.05.17 15:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 16-ماي ئاچقان خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، كۈمۈش ئاستانە قاتارلىق يۇلتۇز دەرىجىلىك 10 مېھمانساراي 2012-يىللىق شىنجاڭدىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك ئىلغار ساياھەت مېھمانساراي شەرىپىگە ئېرىشكەن، دىڭ لى قاتارلىق 100 نەپەر ساياھەت يېتەكچىسى 2012-يىللىق شىنجاڭدىكى ئىلغار ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ باھالانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ 10 مېھمانساراي 418 يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراينىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ چىققان.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت يېتەكچىسى جەمئىيتى شىنجاڭدىكى 18 مىڭ نەپەر ساياھەت يېتەكچىسى ئىچىدىن 100 نەپەر ئىلغار ساياھەت يېتەكچىسىنى تاللاپ چىققان. خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بويۇمى تارقىتىپ بېرىلگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بۇلتۇردىن باشلاپ ھەر يىلى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە 100 نەپەر ئىلغار ساياھەت يېتەكچىسىنى تاللاپ چىقىپ، 10 يىل ئىچىدە 1000 نەپەر ساياھەت يېتەكچىسىنى باھالاپ چىقماقچى ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە