باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىدىغانلىقىدىن يېڭى بېشارەت بەردى

2013.05.17 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى چېگرا لىنىيەلىرىدە قەشقەر ۋە قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلدى. ئىقتىسادشۇناسلار: بۇ ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىدىغانلىقىدىن يېڭى بېشارەت بەردى، دېدى. قەشقەر ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، بەش دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، ئۈچ دۆلەت بىلەن يېقىن. ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۈچ يىل پىلانلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ھازىر ھاياتىي كۈچكە تولدى. پات ئارىدا پۈتۈن لىنىيە تۇتاشتۇرۇلىدىغان شېنجېن – قەشقەر يولى، 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملىك زاۋۇت بىنالىرى، ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلانغان 13 باش ئىشتاب ئىقتىساد بىناسى، پورت ئېغىزى قۇرۇلۇشى ۋە بىرلەشمە تەكشۈرۈش بىناسى، يېقىندا پۈتىدىغان باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى، يۈرۈشلەشكەن چوڭ تىپتىكى تاللا بازار ۋە مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسى 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر قەشقەرنى مىسلى كۆرۈلمىگەن زامانىۋى قىياپەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  جۇڭگو – قازاقىستان چېگراسىدا قەد كۆتۈرگەن، كۆلىمى تەخمىنەن 73 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئۈچ يىللىق تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆلىمى 30 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، دائىمىي نوپۇسى 15 مىڭغا يەتكەن، تاشيول، ئەۋرەز يولى، تۇرۇبا سۈيى، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، يېقىنقى مەزگىلدە 100 مىڭ، كەلگۈسىدە 200 مىڭ كىشىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان، چېگرا رايوندىكى زامانىۋى كىچىك شەھەرنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، پورت رايونىدىلا جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، جۇڭگو – قازاقىستان تۆمۈريولى ۋە تاشيولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە تاشقى سودا يولى بار.

  ھازىرغا قەدەر قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا جەمئىي 14 كارخانا ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئون كارخانا قۇرۇلۇش باشلاپ، 1 مىليارد 145 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بىر قىسىم كەسىپ بازىلىرىدا قۇرۇلۇش پۈتۈپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پورت ھەمكارلىق مەركىزىدە 18 تۈر ماكانلىشىپ، 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ نەقلىشىپ، 2 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹سۇشىن›› مەركىزى، ‹‹جۇڭكې›› سودا شەھەرچىسى قاتارلىق تۈرلەر بۇ يىل ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە