باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەن يانغون تور ئابونىتلىرى 100 مىليونغا يېتىدىكەن

2013.05.17 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەملىكەت بويىچە 100 مىليون قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرنىڭ يانفوندا تورغا چىقىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنىڭ 10 ياشتىن بۇرۇن تور بىلەن ئۇچراشقانلىقى توغرىسىدىكى بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى.

  مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، قۇرامىغا يەتمىگەن «يانفون تور ئابونىتلىرى»نىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدە، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئاممىۋى سىياسەت ئىنىستىتۇتى پىسخولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋۇ گوخۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى بالىسىنىڭ غەۋغاسىنى بېسىقتۇرۇش، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئادەت خاراكتېرلىك ھالدا ئاندروئىدلىق يانفون، تاختا كومپىيۇتېر قاتارلىق نەرسىلەرنى بالىسىغا سوۋغا قىلىدۇ...»

  ئوبيېكتىپ جەھەتتىن قارىغاندا، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل كۆپ ۋاسىتىلىك تېرمىناللارنى ئىشلىتىشىدە يوشۇرۇن ئاپەت ساقلانغان. ۋۇ گوخۇڭ مۇنداق دەيدۇ: ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز، بىر نەرسىگە ئاسانلا بېرىلىپ كېتىدۇ، تور ئۇچۇرلىرى، بولۇپمۇ ناچار ئۇچۇرلارنى پەرق ئېتەلمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇقلاشقانسېرى، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇقەررەر ئازىيىدۇ، «كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئۆيگە بەنت ئەر-ئاياللار ئېكراندىن باش كۆتۈرۈپ، ئەتراپتىكى ئادەملەرگە ۋە تۇرمۇشقا كۆپرەك نەزەر تاشلىشى كېرەك.»

  جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزى ئۆسمۈر بالىلار تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۈن خۇڭيەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مۇنۇلارنى ئاشكارا كۆرسەتتى: ئاندروئىدلىق يانفون ۋە تاختا كومپىيۇتېرلارنىڭ سېزىمچان ئېكرانى يېشى كىچىك بالىلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا قولاي بولغاچقا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ «تور بلەن ئۇچرىشىش» ۋە «ئېكران بىلەن ئۇچرىشىش» يېشىنى ئالدىغا سۈرىۋەتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە